ئۈندىداردا كىرىش
Document
باراي توري خېرىدارلىرى كېلىشىمى
باراي تورى ۋە ئابونتلار ئورتاق ئەمەل قىلىدۇ :
1. خېرىدارلار باراي تورىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇش بېتىدىن تىزىمغا ئالدۇرغاندىن باشلاپ، خېرىدارلار ۋە باراي تورى ئوتتۇرسىدا " باراي تورى خېرىدارلار كېلىشىمى "ھاسىل بۇلىدۇ . ۋەخېرىدارلار باراي تورىغا كىرىپ ئىستىمال قىلىشى (يەنى خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق سودىگەرلەر بىلەن سودىلىشىش ) ئارقىلىق مەزكۇر كېلىشىمدىكى بارلىق كېلىشىم كۈچكە ئېگە بۇلىدۇ . 2. باراي تورى ۋە خېرىدارلار بۇ كېلىشىمدىكى بارلىق نىزاملارغا ۋە باراي تورى ئېلان قىلغان باشقا بارلىق مۇلازىمەت ماددىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىش قائىدىلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇشى ، چۈشۈنۈشى ۋە قۇبۇل قىلىشى كېرەك ھەمدە بۇ قائىدە – نىزاملارنىڭ كىلىشمنامىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ ئىسپاتى بۇلۇشىغا قوشۇلىشى كېرەك . باراي تورى "قانۇنى باياناتى"بۇ كېلىشمىنىڭ مۇھىم قۇرۇلمىسىدۇر . خېرىدار مەزكۇر كېلىشمنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە باراي تورىنىڭ «قانۇنى باياناتى» نى قۇبۇل قىلىشى كېرەك .
1. ئېنىقلىما
1.1 «ئوپچە سېتىۋېلىش » : ئالاقە تورى يولى ئارقىلىق ، بەلگىلىك ساندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ ، بىر قەدەر تۆۋەن باھادا بىر خىل تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋېلىشىدەك سودا پائالىيىتى .
1.2 "باراي تورى" : شىنجاڭ تاۋارىم تورسودا چەكلىك شىركىتى يۈرگۈزۈپ باشقۇرىۋاتقان تور سودا سۇپىسى ، تور نامى بولسا « www.Baray.cn» ، شىنجاڭ تاۋارىم تورسودا چەكلىك شىركىتى بۇ تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق خېرىدارلار ۋە سودىگەرلەرگە توردا سودا قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ كېلىشىمدىكى " باراي تورى" تور سودا سۇپىسىى « www.Baray.cn» نى ۋە شىنجاڭ تاۋارىم تور سودا چەكلىك شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ .
1.3 " خېرىدارلار ": بۇ كېلىشمىدىكى بارلىق ماددا- نىزاملارنى قۇبۇل قىلغان ھەمدە باراي تورىدا سودىلاشقان بارلىق ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ .
1.4 "سودىگەرلەر" :باراي تورىنى ۋاستە قىلىپ مال ياكى مۇلازىمەتلەرنى تارقاتقان تەبىئي شەخىس ياكى قانۇنى شەخىس ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ .
1.5 "سودىلىشىش": خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق سودىگەرلەر بىلەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۈستىدە سودىلىشىشنى كۆرسىتىدۇ .
1.6 "سودا ئۇچۇرى":سودىگەرلەر باراي تورى ئارقىلىق باراي تورىغا توللىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇچۇرى بۇلۇپ ، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىسمى ، تۈرى ، سانى ، سۈپىتى ، باھاسى ، ئۈنۈملۈك ۋاقتى ، ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى ، سودىگەرنىڭ ئورنى ، يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى ، مال قايتۇرۇش ئۇسۇلى ، پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلى ، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ . 1.7 "سودا سومىسى" : خېرىدارلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋىلىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇل سوممىسى ، سودا سوممىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى خېرىدارلار سېىتىۋالغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ باھاسى ۋە مىقدار بەلگىلەيدۇ . 1.8 "ئېلېكترونلىق ئىستىمال ئىسپاتى": باراي تورى تور يۈزىدە ، قىسقا ئۇچۇر ، ئىلخەت ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق خېرىدارلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى ئېلېكتىرونلۇق تالون بولۇپ ، بۇ ئىسپات ئابونتلارنىڭ سېتىۋېلىش ئسپاتى بولىدۇ.
2. ئابۇنتلارنىڭ تىزىملىشى
2.1 تىزىملىتىش سالاھىيىتى :
خېرىدارلارنىڭ تولۇق ھەق تەلەپ ھوقۇقى بۇلۇشى ۋە ياكى تولۇق ھەق تەلەپ ھوقۇقى بولمىسىمۇ قانۇنىي ۋەكىلى قۇشۇلغان ۋە قانۇنىي ۋەكىلى تىزىملاپ بەرگەن بولۇشى كېرەك .
2.2 تىزىملىتىش مەقسىدى :
خېرىدارلار ۋەدە بېرىشى كىرەككى : خېرىدارلارنىڭ باراي تورىغا تىزىملىتىشى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىش ۋە باراي تورىغا ۋە باراي تورى سودا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلماسىقى كېرەك .
2.3 تىزىملاش تەرتىپى :
2.3.1 خېرىدارلار باراي تورىنىڭ تىزىملاش بېتىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن ئېلخەت ئادىرسى ۋە تۇرۇشلۇق شەھەر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كېرەك ھەمدە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا ۋە تولۇق بولىشىغا كاپالەت قىلىشى كېرەك .
2.3.2 خېرىدارلار تىزىملاتقاندا باراي تورىنىڭ يوللىغان ئېلىخەت ،ئۇچۇرلىرىغا مۇشتەرى بولۇش- بولماسلىقنى تاللاش ھوقۇقى بار .
2.3.3 خېرىدارلار قانۇنلۇق تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئارقىلىق باراي تورىنىڭ ئەزالىق نۇمۇرى ۋە مەخپى شىفىرىگە ئېرىشىش ھوقوقىغا ئىگە . ئەزالىق نۇمۇرى ۋە مەخپىي نۇمۇرى باراي تورىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
2.3.4 خېرىدارلار باراي تورىنىڭ ئەزالىق نۇمۇرىغا ئېرىشكەندىن باشلاپ ، تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بۇلىدۇ . خېرىدار باراي تورى ئەۋەتكەن توربەت باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا قوشۇلىشى كېرەك .
3. خېرىدارلار مۇلازىمىتى :
باراي تورى خېرىدارلارغا باراي تورى ئارقىلىق توردا سودا قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، باراي تورى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن خېرىدارلاردىن مەلۇم نىسبەتتە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشى مۇمكىن .
3.1 مۇلازىمەت مەزمۇنى :
3.1.1 خېرىدارلار باراي تورىدا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈش ھوقۇقى بار . باراي تورىدىن تاۋار سېتىۋىلىش ، ھەق تۆلەش ، ئېلېكترونلىق ئىستىمال ئىسپاتى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار .
3.1.2 خېرىدارلار باراي تورىدا ئۆزىنىڭ ئەزالىق ئۇچۇرىنى كۆرۈش ھوقۇقى بار . باراي تورى تەمىنلەپ بەرگەن ئىقتىدار ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش ھوقۇقى بار .
3.1.3 خېرىدارلار باراي تورى تەشكىللىگەن ( توربەت ياكى ئەپ دېتالىدىكى) پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقوقى بار .
3.1.4 باراي تورى تەمىنلىگەن باشقا مۇلازىمەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
3.2 مۇلازىمەت قائىدىسى :
خېرىدارلار تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك :
3.2.1 خېرىدارلار دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنىشى ، باراي تورىدا ياكى باراي تورىنى ۋاستە قىلىپ قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلقى ، باراي تورى ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز قىلماسلىقى كېرەك . قانۇنغا خىلاپ ، ئەخلاقسىز ، باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتمەسلىكى ھەم قۇبۇل قىلماسلىقى ، شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ماتېرىياللىرى ياكى باشقا دۆلىتىمىز قارىشى تۇردىغان ئۇچۇرلارنى يوللىماسلىقى ۋە قۇبۇل قىلماسلىقى كېرەك . باراي تورىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ باراي تورىنىڭ نامىدا ئۇچۇر يوللىماسلىقى كېرەك .
3.2.2 خېرىدارلار ئۆزىنىڭ باراي ئەزالىق نۇمۇرىنى ھۇشيارلىق بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك . ئەزالىق نۇمۇرى ئارقىلق ئېلىپ بارغان مەشغۇلاتلىرى ئېلىپ كەلگەن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . ئەگەر خېرىدارلارنىڭ ئەزالىق نۇمۇرى ئىجازەتسىز ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلىتىۋاتقان ياكى باشقا بىخەتەرلىك مەسىللەرگە ئۇچۇرىغان بولسائۆز ۋاقتىدا باراي تورىغا ئۇقتۇرىشى ۋە شۇ ئەزالىق نۇمۇرنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ھەم ج خ ئورگانلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىشى كېرەك . بۇنداق ئەھۋالدا باراي تورى مۇۋاپىق ۋاقىتتا چارە كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە . لېكىن چارە كۆرۈشىتىن بۇرۇن بولغان بارلىق زىيانلارغا باراي تورى مەسئۇل بولمايدۇ . خېرىدارلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەزالىق نۇمۇرىنى باشقىلارغا ئىشلىتىشكە بېرىشىگە ياكى ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ.
3.2.3 خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق سودىگەرلەر بىلەن سودا ئېلىپ بارغاندا بۇ كېلىشىمدىكى "سودا قائىدىسى"دىكى بارلىق كېلىشىملەرگە ۋە باراي تورى ئېلان قىلغان باشقا سودىغا ئائىت مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك .
3.2.4 خېرىدارلار باراي تورىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە باھا بەرگەندە راستچىل، چىن بولىشى كېرەك .
3.2.5 خېرىدارلار باراي تورىنىڭ پائالىيەتلىرىگە باراي تورى ئېلان قىلغان قائىدە بويىچە قاتنىشىشى كېرەك .
.3.2.6 باراي تورى ئېلان قىلغان باشقا مۇلازىمەت قائىدىللىرى ۋە مەشغۇلات قائىدىللىرى .
4. سودا قائىدىسى :
خېرىدارلار سودىگەرلەر بىلەن بولغان سودىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك .
4.1) خېرىدارلار باراي تورىدا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندە ، تەپسىلى كۆرىشى ، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىسمى ، تۈرى ، مىقدارى ، سۈپىتى ، باھاسى ، ئۈنۈملىك ۋاقتى ، ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى ، سودىگەرنىڭ ئورنى ، يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى ،مال قايتۇرۇش ئۇسۇلى ، پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلى ، سېتىشدىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۇلۇق ئوقۇغاندىن كېيىن سېتىۋېلىشى كىرەك .
4.2 زاكاز تاپشۇرۇش ۋە مۇقۇملاش :
4.2.1 خېرىدارلار زاكاز تالوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلى ئوقۇشى كېرەك ( تاۋار زاكاز قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) . تاۋارنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، پۇل قايتۇرۇش شەرتى ، مىقدارى ، باھاسى ، تۆلەشكە تىگىشلىك پۇل سومىسى ، مال تاپشۇرىۋالدىغان ئورۇن ، مال يەتكۈزىدىغان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زاكاز تالونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەزمۇن خېرىدار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرسىدىكى توختام مەزمۇنى بۇلىدۇ . خېرىدارلار زاكازنىڭ بارلىق مەزمۇنىغا تامامەن قوشۇلغاندىن كىيىن زاكاز قىلىشى كېرەك .
4.2.2 خېرىدارلار يەنە بىرقېتىم تالوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى بېكىتكەندىن كېيىن تالوننى تاپشۇرۇپ پۇل تۆلىسە بۇلىدۇ . زاكاز تالونى مۇقۇملانغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خېرىدارلار تالوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە سودىگەربىلەن توختاملاشقان بۇلىدۇ . زاكاز تالونىدىكى بارلىق مەزمۇن توختامدىكى بارلىق مەزمۇن بۇلىدۇ . زاكاز تالونىدا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىسمى ، تۈرى ، مىقدارى ، سۈپىتى ، باھاسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، سودىگەرنىڭ ئورنى ، سودىگەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ، مالنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ، مالنى قايتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ، پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلى ، پۇل قايتۇرۇش شەرتى ، سېتىشدىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلار ئۇچۇرلار بۇلۇپ ، خېرىدارلار ۋە سودىگەرلەر بۇ توختام بويىچە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى كېرەك .
4.3 پۇل تۆلەش :
توختام قۇرۇلغاندىن كېيىن خېرىدارلار ھەق تاپشۇرۇش بېتىدىكى كۆرسەتمە ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسا بۇلىدۇ . باراي تورى سودىگەرلەرگە ۋاكالىتەن تاۋارنىڭ پۇلىنى ئالىدۇ . خېرىدارلار باراي تورىغا ھەق تاپشۇرغاندا خېرىدارلارنىڭ سودىگەرلەر بىلەن بولغان توختامدىكى ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلغان بۇلىدۇ . خېرىدارلار ھەق تاپشۇرماي تۇرۇپ سودىگەرلەردىن تاۋارنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ .
4.4) ئېلېكترونلۇق ئىستېمال ئىسپاتى :
4.4.1 خېرىدارلار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، باراي تورى خېرىدارلارغا ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىنى يوللاپ بېرىدۇ ، خېرىدارلار توختامدا پۈتۈشكەن بويىچە ، ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىغا ئاساسەن سودىگەرلەردىن تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئېرىشىدۇ .
4.4.2 خېرىدارلار ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك . خېرىدارلارنىڭ ئېلىكتىرون ئىستېمال ئىسپاتىنى ياخشى ساقلىيالماسلىقىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىۋېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ ، خېرىدارلار باراي تورىغا ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىنى قايتىدىن يوللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ، باراي تورى بۇ تەلەپنى رەت قىلىش ھوقۇقى بۇلىدۇ .
4.4.3 ئېلىكتىرون ئىستېمال ئىسپاتى ئارقىلىق دەلىللەش ئارقىلىق سېتىۋېلىنىدىغانن تاۋارلار ياكى مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋالغاندا ، خېرىدار سودىگەرلەرگە ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك . سودىگەرلەر ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتى دەلىللەش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، خېرىدارلارنى توختام مەزمۇنى بويىچە تاۋارياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك .
4.4.4 ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ خالىغان بىرى يۈز بەرگەن ھامان كۈچتىن قالىدۇ :
ئېلىكتىرونلۇق ئىستىمال ئىسپاتىغا تايىنىپ ئېرىشكەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت .
توختام مەزمۇنىدا كېلىشكەن كۈچكە ئىگە ۋاقىت توشقان تاۋار ياكى مۇلازىمەت .
4.5 پۇلنى قايتۇرۇش قائىدىسى :
خېرىدار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، پۇلنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك . بۇ توۋەندىكىدەك قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلدۇ :
4.5.1 تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، خېرىدارلار باراي تورىغا سودىگەرلەرگە ۋاكالىتەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بۇلىدۇ .
4.5.1.1 «ئوپچە سېتىۋېلىش» پائالىيىتىنىڭ ئادەم سانى ئەڭ تۆۋەن«ئوپچە سېتىۋېلىش» سانىغا يەتمىگەندە ، شۇ قېتىملىق «ئوپچە سېتىۋېلىش» پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ .
4.5.1.2 خېرىدار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ياكى سودىگەرلەر سەۋەبى تۈپەيلىدىن ، سودىگەرلەر خېرىدارلارنى تاۋارياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقسا ، چوقۇم باراي تورىنىڭ تەستىقلاپ ئېنىقلىشىدىن ئۆتىشى كېرەك .
4.5.1.3 خېرىدار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، ھەقىقەتەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىش سەۋەبىدىن سودىگەرلەر توختام مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە ، خېرىدارلار ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى توختام مەزمۇنىنى قۇبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى بار .
4.5.2 خېرىدارلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ ، يەنە سودىگەرلەردىن پۇل قايتۇرۇشنى ياكى باراي تورىدىن ۋاكالىتەن پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ، سودىگەرلەر ۋە باراي تورى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق . لېكىن تاۋار ياكى مۇلازىمەت توختامدا پۈتۈشكەن مەزمۇنغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلمىگەن ، باشقا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى > ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامى> ، «يېمەك –ئچمەك مۇلازىمىتى يىمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى> ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىمالچىلاارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى > قاتارلىق بەلگىلەنگەن قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
4.5.3 توختامدا كېلىشكەن كۈچكە ئىگە ۋاقىت توشقان ، ئەمما خېرىدار كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئىستېمال قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، پۇلنى قايتۇرۇش ياكى قايتۇرماسلىقنى توختامدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك . خېرىدارلار توختامدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن پۇل قايتۇرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . خېرىدارلار توختامدا كېلىشىپ بېكىتىلگەن تەلەپ بويىچە ، باراي تورىدىن سودىگەرلەرگە ۋاكالىتەن پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر خېرىدارلار باراي تورىدىن پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىسا ، پۇلنى قايتۇرۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ . باراي تورىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بار .
4.5.4 خېرىدارلار مۇۋاپىقىيەتلىك سودا قىلغاندىن كېيىن ، ئېلىكتىرونلۇق ئستېمالئىسپاتىغا ئاساسەن ئەمەلىي ئىستېمال قىلمىغان ھەمدە باراي تورىنىڭ « ئىستېمال قىلمىغاندا ھەر ۋاقىت پۇلىنى قايتۇرۇش > نىزامىغا ئاساسەن ، خېرىدارلار باراي تورىدىن پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . باراي تورى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى « ئىستىمال قىلمىغاندا ھەر ۋاقىت پۇلىنى قايتۇرۇش> نىزامىغا ئۇيغۇن كەلسە ، باراي تورى ئىككى خىزمەت كۈنى ئىچىدە پۇلنى قايتۇرىشى ھەمدە خېرىدارلارنىڭ باراي تورىدىكى ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىشى كېرەك . خېرىدارلار پۇلنى ئەسلىدىكى چىقىم ھېساباتىغا قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا ، يەنى نەقلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا ، باراي تورى ئۈچ خىزمەت كۇنى ئىچىدە خېرىدارنىڭ ئەسلىدىكى چىقىم قىلىش يولى بويىچە خېرىدارلار چىقىم ھېساباتىغا قايتۇرۇپ بىرىشى كېرەك . ئەگەر خېرىدارلارنىڭ 30 كۈن ئىچىدە نەقلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5000 يۈەن (بەش مىڭ يۈەن ) خەلق پۇلىدىن يۇقىرى ياكى تەڭ بولسا ، كۆپ سوممۇلۇق نەقلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ . باراي تورى كۆپ سوممۇلۇق نەقلەشتۈرۈشكە قارىتا ، 60 كۈن ئىچىدە خېرىدارنىڭ ئەسلىدىكى چىقىم قىلىش يولى بويىچە خېرىدارلار چىقىم ھېساباتىغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ .
تۆۋەندىكىدەك تاۋار ياكى مۇلازىمەت بۇنىڭ سىرتىدا :
4.5.4.1 ئىستېمال قىلىنىپ بولغان ھەمدە سودىگەرلەر تەمىنلىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت نۇقسان كۆرۈلگەنلىكىنى كۈرسۈتۈشتە تولۇق دەلىل ئسپات بولمىسا ھەمدە بەت يۇزىدىكى تاۋار سېتىۋېلىش ئۇچۇرى ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار بار بولغان «ئوپچە سېتىۋېلىش» بېلىتى قاتارلىقلار .
4.5.4.2 ئەمەلىي بۇيۇم تۈردىكى مەھسۇلاتنى قايتۇرۇش ئالدىدا ، خېرىدارلار باراي تورىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن مال قايتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرىشى كېرەك .
4.5.4.3 غەيرىي نورمال ئىشلىتىش ۋە ساقلاش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان تاۋار .
4.5.4.4 باراي تورىدا ئېنىق Rئىستېمال قىلىنمىغاندا ھەر ۋاقىت پۇل قايتۇرۇشنى قوللىمايدۇ > دەپ بەلگىلىگەن تاۋار .
4.5.4.5 باشقا ئەھۋالدىكى پۇل قايتۇرۇش پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىدىكى قايتۇرۇش شەكلى ۋە پۇل قايتۇرۇش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
4.5.4.6 پۇل قايتۇرۇش جەريانىدا خېرىدارلار باراي تورىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش مۇلازىمەت ماددىلىرى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك .
4.6 تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى :
خېرىدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ توختامنىڭ ئادا قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق تالاش – تارتىش ( تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مىقدارى ، سۈپىتى ، باھاسى ،كۈچكە ئىگە مۇددىتى ، ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى ، سودىگەرلەر ئادېرىسى ، يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ، پۇلىنى قايتۇرۇش شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لىكىن چەكلەنمەيدۇ ) يۈز بەرسە ، خېرىدارلار بىلەن سودىگەرلەر توختام مەزمۇنىغا ئاساسەن خېرىدارلار بىلەن سودىگەرلەر ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بەلگىلىشى ، ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، تالاش تارتىشنى ھەل قىلىشى كېرەك . باراي تورى خېرىدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تالاش تارتىشنى مۇرەسسە قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك .
5. خېرىدارلار ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى :
5.1 خېرىدارلار مەزكۇر كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بويىچە ، باراي تورىنىڭ باراي تورى مۇلازىمىتىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
5.2 خېرىدارلار باراي تورىغا تىزىملاتقان ۋاقىتتا ، باراي تورىنىڭ تاۋار ئۇچۇرلىرىنى يوللاش توغرىسىدىكى پوچتا يوللانمىسى ياكى قىسقا ئۇچۇرىغا مۇشتەرى بولۇش بولماسلىقنى تاللاش ھوقۇقى بار . تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، باراي تورىنىڭ بۇ يۇقارقى ئۇچۇرلىرىغا مۇشتەرى بولۇش ياكى مۇشتەرلىكدىن چېكىنىش ھوقۇقى بار .
5.3 خېرىدارلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت تالونى ، باشقا ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتى ، مال سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى قاتارلىقلارغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغاندا ، سودىگەرلەرگە تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمال قىلغاندا تالون سوممىسى ئەمەلىي تاپشۇرغان تاۋار باھاسىنى ئۆلچەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار .
5.4 خېرىدارلار تاۋار ياكى مۇلازىمىتىنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ، ئەگەر تاۋار ياى مۇلازىمەت بىلەن زاكاس تالونىنىڭ مەزمۇنى بىردەك بولمىسا ياكى سۈپەت ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسىدە مەسىلە كۆرىلسە ، سودىگەرلەر بىلەن كېڭىشىش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەل قىلىش لازىم . باراي تورى خېرىدارلارنى تىجارەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي توردا تىزىملىتىش بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە خېرىدارلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ سودىگەرلەر بىلەن مەسىلنى ھەل قىلىشى كېرەك .
5.5 خېرىدارلارنىڭ ھەر ۋاقىت باراي تورىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىىتىشنى توختىتىش ھوقۇقى بار .
5.6 خېرىدارلار تىزىملاتقان ۋاقىتتا ياكى زاكاس يوللىغاندا تەمىنلىگەن ئىسىم ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ، ئالاقىلىشىش ئادېرىسى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىي ، مۇكەممەل ، چىن بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . ھەمدە يۇقىرقى ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا ۋاقتىدا باراي تورىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك .
5.7 خېرىدارلار باراي تورىدا سودا ئېلىپ بارغاندا سودىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاشىلا تېپىپ بېرىشقا ، باراي تورىنىڭ سودا تەرتىپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ .
5.8 خېرىدارلار ھەر قانداق تېخنىكا ۋاستىسى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باراي تورىنىڭ نورمال يۇرگۈزىلىشىگە دەخلى-تەرۇز قىلماسلىقى ھەمدە باشقا خېرىدارلارنىڭ باراي تورى مۇلازىمىتىنى نورمال ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك .
5.9 خېرىدارلار يالغان پاكىت ئۇيدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باراي تورىنىڭ ھەمدە سودىگەرلەرنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك .
5.10 خېرىدارلار باراي تورىدا سودا ئېلىپ بارغاندا چوقۇم ھەقىقىي ئىستىمال مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك ، ئېلىپ سېتىش قاتارلىق سودا مەقسىتىدە سودا ئېلىپ بېرىشقا يول قۇيۇلمايدۇ .
5.11 خېرىدارلار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، مال تاپشۇرۋېلىش ياكى ئېلېتىرونلۇق ئىستېمال ئىسپاتى چىقىرىشقا ماسلىشىشى كېرەك .
5.12 خېرىدارلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا ، ساختا باھالاش ياكى ساختا پاش قىلىشقا بولمايدۇ .
6) باراي تورىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى :
6.1 خېرىدارلار مۇشۇ كېلىشىمدە تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغاندا ، باراي تورىنىڭ خېرىدارلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار . تىزىملىتىپ بولغان خېرىدارلارغا قارىتا باراي تورىنىڭ خېرىدارلار ئەزالىق ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقى بار . باراي تورى مۇشۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچۇرغاندا ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خېرىدارلار ياكى ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، باراي تورى باشقا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، خېرىدارلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرىشىنى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە .
6.2 باراي تورى ھېسابات ئىشلەتكۈچىنىڭ دەسلەپكى تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئەمەسلىكىنى بايقىغاندا ، شۇ ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشقا ھوقۇقلۇق .
6.3 باراي تورى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ، سۈنئىي نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، خېرىدارلارنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرى خاتا ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ، كۈچتىن قالغان ياكى چىن ، ھەقىقىي بولمىغانلىقىدىن گۇمان قىلغان ۋاقتىدا ، باراي تورىنىڭ خېرىدارلارغا تۈزۈتۈش ، ئۇچۇر يېڭىلاش ياكى توختىتىش قاتارلىق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈش ھوقۇقى بار .
6.4 باراي تورىدا كۆرۈلگەن ئۇچۇرلاردا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان چاغدا ، باراي تورىنىڭ شۇ ئۇچۇرغا قارىتا تۈزۈتۈش ھوقۇقى بار .
6.5 خېرىدارلار ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشتىن ئىلگىرى ، باراي تورىنىڭ سودىگەرلەرنىڭ ھاۋالە بويىچە زاكاس تالونىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلۇش ھەم قوشۇلماسلىق ھوقوقى بار . خېرىدارلار ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى مەزمۇننى قوبۇل قىلسا ئاندىن زاكاسنى دەلىللەپ پۇل تۆلىسە بولىدۇ . ئەگەر خېرىدارلار ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى مەزمۇننى قوبۇل قىلمىسا ، زاكاسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بار . خېرىدارلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، ئەگەر سودىگەرلەر ھەقىقەتەن ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب بىلەن زاكاز تالونىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەندە ، باراي تورى سودىگەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىپ زاكاز تالونىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق . ئەگەر خېرىدارلار ئۆزگەرتىشنى قۇبۇل قىلسا ، ئۆزگەرگەن زاكاس تالونىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ئىستىمال ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ . ئەگەر خېرىدارلار ئۆزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمىسا ، ئۆزگەرگەن زاكاس تالونىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ئىستىمال ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى باراي تورىدىن تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقوقى بار.
6.6 باراي تورىنىڭ مۇلازىمەتنى ساقلاش ، تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ، توختىتىپ تۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقوقى بار . باراي تورى يۇقىردىكى بايان قىلىنغان ھوقۇقلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە خېرىدارلارغا ئۇقتۇرىشى كېرەك .
6.7 باراي تورى زۆرۈر بولغان تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنى ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ باراي تورىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەت قىلىشى ، ھەمدە ئىشەنچىلىك سودا مۇھىتى ۋە سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ سودا تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك .
6.8 ئەگەر خېرىدارلار ئۇدا بىر يىل باراي تورىنىڭ ئەزا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئىشلىتىپ باراي تورىغا كىرمىگەن بولسا ، باراي تورى شۇ ئەزا ھېسابات نومۇرىنى شىركەت تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۋېتىشكە ھوقۇقلۇق . ئەزا ھېسابات نومۇرى ئۆچۈرۈلگەندىن كىيىن ، باراي تورىنىڭ مۇناسىپ ئەزا نامىنى باشقا خېرىدارلارنىڭ تىزىملىتىپ ئىشلىتىشىگە ئېچىۋېتىش ھوقۇقى بار .
6.9 بىر قېتىملىق «ئوپچە سېتىۋېلىش» پائالىيىتى جەريانىدا كوللىكتىپ سېتىۋىلىش سانى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش سانى تەلىپىگە يەتمىگەن بولسا ، باراي تورى بۇ قېتىملىق «ئوپچە سېتىۋېلىش» پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق . ھەمدە مەزكۇر كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بويىچە مۇناسىپ «ئوپچە سېتىۋېلىش» پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرىشى كېرەك .
6.10 باراي تورىنىڭ مەزكۇر كىلىشىمنى ئادا قىلىش جەريانىدا ياكى مەزكۇر كىلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، خېرىدارلارنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى ۋە خېرىدارلارنىڭ باراي تورى مۇلازىمەت مەزگىلدىكى سودا ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قىلىش ھوقۇقى بار .لېكىن بۇ ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
6.11 باراي تورىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا باراي تورىنىڭ تور بىكىتى ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ قائىدە - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قائىدە خارەكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ياكى باراي تورى تور بىكىتىدە بىكىتىلگەن خېرىدارلارنىڭ باھاسى قاتارلىق مەزمۇن ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۋېتىش ھوقۇقى بار . بۇ ھوقۇق يۈرگۈزىشنى ئالدىن خېرىدارلارغا ئۇختۇرۇش ھاجەتسىز .
7. خېرىدارلار ئۇچۇرى :
7.1 قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرتى ئاستىدا ، باراي تورى خېرىدارلارغا ئەلا ، قۇلايلىق مۇلازىمەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك . خېرىدارلار باراي تورىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتا ياكى باراي تور بىكىتىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ياكى باراي تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنگەندە ، باراي تورى خېرىدارلارنىڭ مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلىشى مۇمكىن ياكى خېرىدارلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىنى يىغىشى مۇمكىن :
7.1.1 خېرىدارلار باراي تورىدا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ، باراي تورى تەمىنلىگەن ھەر تۈرلۈك مۇلازىمەتلەردىن بەھىرلەنگەن ۋاقىتتا ، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن باراي تورىنى بىر قىسىم شەخسىي ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك (ئىسىم-فامىلىسى ، كىملىك گۇۋاھنامىسى ، ئادېرىسى ، تېلىفون نۇمۇرى ، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئادېرسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) . مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئۇچۇر تۇرۇشلۇق ئۆلكە ۋە شەھەر ، پوچتا نومۇرى قاتارلىقلار .
7.1.2 ئەگەر خېرىدارلار باراي تورى مۇلازىمىتىدىن بەھىرلەنگەندە ، خېرىدارلارنىڭ بانكا ھېساباتى ياكى باشقا چىقىم قىلىش قورالى ھېساباتى (ئۈندىدار ياكى ئەلى چىقىىمدانى ) بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ، خېرىدارلار باراي تورىنى بانكا ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى ياكى باشقا چىقىم قىلىش ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك .
7.1.3 خېرىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇئامىلە ھالىتى ۋە تارىخىي خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن ، باراي تورى خېرىدارلارنىڭ باراي تورى مۇلازىمىتىدە ھاسىل بولغان سودا ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ .
7.1.4 خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى پەرىقلەندۈرۈش ھەمدە خېرىدارلارنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىنى تولۇق قوغداش ئۈچۈن ، باراي تورىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ياكى باراي تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەردىن بەھىرلەنگەندە ، باراي تورى خېرىدارلارنىڭ مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلىشى مۇمكىن ( بۇ خېرىدارلارنىڭ كومپىيۇتىرىنىڭ IP ئادېرىسى ، ئۈسكۈنە پەرىقلەندۈرۈش بەلگىسى ، قاتتىق دىتال تىپى ، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ نەشىر ۋە نۇسخىىسى ، خېرىدارلارنىڭ ئورنى ھەمدە باراي تورى مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) .
7.1.5 يۇقىردا بايان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن باشقا ، باراي تورى يەنە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىنى يىغىشى مۇمكىن (خېرىدار بىلەن باراي تورىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن ئالاقە قىلغاندا ، خېرىدارلار تەمىنلىگەن ئالاقىدار ئۇچۇرلار ، خېرىدارلار سۇئال قەغىزى تارقىتىپ جاۋاب بېرىشكە قاتناشقاندا باراي تورىغا ئەۋەتىپ بەرگەن سوئال قەغىزىدىكى ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) . شۇنداقلا ، خېرىدارلار ئىشلەتكەن باراي تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، بىلىق تۇتىدىغان تور ئالدامچىلىقى ۋە ياغاچ ئات ۋىروسىنى تېخىمۇ توغرا ھالدا ئالدىنى ئېلىش ، باراي تورى بەزى بىر قىسىم خېرىدارلارنىڭ تور ئىشلىتىش ئادىتى ۋە خېرىدارلار دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتال ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈپ چۈشۈنۈش ئارقىلىق خېرىدارلار ھېسابات نومۇرىنىڭ خەتەرلىك ياكى خەتەرلىك ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ ، ھەمدە باراي تورى بىر قىسىم خەتىرى بار دەپ ئويلىغان ئۇلانمىلارنى (URL) خاتىرلەپ قويىدۇ .
7.2 خېرىدارلار ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، باراي تورى ئىزچىل ھەم داۋاملىق تىرىشىپ ، ھەر خىل مۇۋاپىق بولغان فىزىكا ، ئېلېكتىرونلۇق ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئۇچىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى ، يۈتۈپ كەتمەسلىكى ۋە بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىنى قوغدايدۇ ( بۇ ئۇچۇرلارنى مەخپىي ساقلاش ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى زىيارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) . باراي تورى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن خادىملارغا قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش قوللىنىشى كېرەك ( بۇ ئىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە دائىرە بەلگىلىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدەك ھوقۇقىغا ئاساسەن ، خىزمەتچىلەر بىلەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ ) .
7.3 قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ، خېرىدارلارنى مۇلازىمەت ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى توۋەندىكىدەك ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ :
7.3.1 باراي تورى خېرىدارلارنى تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەمدە بۇ مۇلازىمەتلەرنى قوغدايدۇ ۋە تېخىمۇ ياخشىلايدۇ .
7.3.2 ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى سېلىشتۇرۇش ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش . خېرىدارلار باراي تورىغا سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تاپشۇرىشى كېرەك .
7.3.3 خېرىدارلارنىڭ ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان باراي تورى مۇلازىمىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشى ھەمدە باراي تورى مۇلازىمىتىنى چۇشىنىشى ئۈچۈن ، خېرىدارلارغا تىجارەت پائالىيىتى ۋە باشقا سودا خارەكتىرلىك سودا ئۇچۇرىنى يوللاش مۇلازىمىتى ھالىتىدە ئۇقتۇرىشى كېرەك .
7.3.4 باراي تورىدىكى خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت سانلىق مەلۇماتى ، سودا ئۇچۇرىنى ئۇنۋېرسال سىتاتىسىكىلاپ تەھلىل قىلىش ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمدە خېرىدارلارنى مۇكاپاتلاش ھەمدە تېخىمۇ كەڭ بولغان ئالاقە دائىرىسى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ . مەسلەن ، باراي تورى بىر قىسىم مەلۇم بىر ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇرغان باراي تورى ھېساباتىدىكى يېڭى خېرىدارلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، بۇ يېڭى خرىدارلارنى مەخسۇس بولغان ئىتىبار بېرىش پائالىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
7.3.5 قانۇنسىز پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى مەنئىي قىلىدۇ .
7.3.6 خېرىدارلار رۇخسەت قىلغان باشقا ئىشلىتىش ئورنى .
7.4 Cookie نىڭ ئىشلىتىلىشى :
7.4.1 خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ، خېرىدارلار باراي تورى تورى ۋە باراي تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلارنى زىيارەت قىلغاندا ، باراي تورى كىچىك تىپتىكى سانلىق مەلۇمات ھۆججىتى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرق ئېتىپ ، خېرىدارلارغا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى قايتا - قايتا كىرگۈزۈشتەك قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقارتىۋېتىشقا ياردەم بېرىدۇ ياكى خېرىدارارنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىگە ھۆكۈم چىقىرشىغا ياردەم بېرىدۇ . بۇ سانلىق مەلۇماتلار بەلكىم «Cookie» ، « Flash Cookie » قاتارلىقلار بولىشى مۇمكىن . ( خېرىدارلار تور كۆرگۈچىنىڭ ياكى باغلىنىىشلىق ئەمەلىي پىروگىرامما تەمىنلىگەن يەرلىك ساقلاش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ « Cookie » دەپ ئاتىلىدۇ .
7.4.2 خېرىدارلار چۈشىنىشىگە ، باراي تورىنىڭ بەزى مۇلازىمەتلىرى پەقەت « Cookie » نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئەگەر خېرىدارلارنىڭ تور كۆرگۈچىسى ياكى تور كۆرگۈچىسىنىڭ قوشۇمچە مۇلازىمەتلىرى قوللىسا ، خېرىدارلار « Cookie » نىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ياكى باراي تورىنىڭ « Cookie » نى رەت قىلىشىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزسە بولىدۇ . لېكىن ، بۇ ھەرىكەت مەلۇم ئەھۋالدا خېرىدارلارنىڭ بىخەتەر باراي تورىنى زىيارەت قىلىشىغا ۋە باراي تورى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن .
8. ئالاھىدە بايانات :
8.1 خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق سودىگەرلەر بىلەن سودا ئېلىپ بارمىغان بولسا ، بۇ باراي تورىنىڭ سودا تۈرىگە كىرمەيدۇ . باراي تورى باراي تورىدا ئېلىپ بېرىلمىغان ھىچقانداق سودا ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ . خېرىدارلار سودىگەرلەر بىلەن مۇشۇ خىل سودا شەكلى تۈپەيلىدىن تالاش - تارتىش قىلىپ ، باراي تورىنى ئەرىز قىلىشقا ياكى باراي تورىغا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ .
باراي تورىغا تەۋە بولمىغان سودا ئەھۋاللىرى توۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق زاكاس چۈشۈرمىگەندە ، خېرىدارلار باراي تورى ئارقىلىق زاكاس چۈشۈرۈپ ، لېكىن باراي تورى ئارقىلىق پۇل تۆلىمەي بەلكى بىۋاستە سودىگەرلەرگە پۇل تۆلىگەن ئەھۋال ئاستىدا باراي تورى بۇ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولمايدۇ .
8.2 مەيلى قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولسۇن ، باراي تورى ئۇچۇر تورى ئۈسكۈنلىرىنى قوغداش ، ئۇچۇر تورى ئۇلىنىشىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ، كومپىيوتېر ، خەۋەرلىشىش ياكى باشقا سېستىمىلاردا كاشىلا كۆرۈلۈش ، ئېلېكتىر ئېنىرگىيە كاشىلىسى ، ئىش تاشلاش ، ئەمگەك تالاش – تارتىشى ، توپىلاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ، تەرتىپسىزلىك قىلىش ، ئىشلەپ چىقىرىش كۈچى ياكى ئىشلەپ چىقىرىش ماتېرىيالى كەمچىل بولۇش ، ئوت ئاپىتى ، كەلكۈن ، بوران-چاپقۇن ، پارتىلاش ، ئۇرۇش ، ھۆكۈمەت ھەركىتى ، ئەدىلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ بۇيرىقى ، باشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ ياكى ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇلازىمەت قىلالماسلىق ياكى كېچىكتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
8.3 كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ، سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردىغان ئەھۋاللار :
8.3.1 پائالىيەت قائىدىسىدىن باشقا بەلگىلىمىلەردىن سىرت ، ھەر قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا ، ھەر بىر خېرىدار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىگە پەقەت بىرلا قېتىم قاتنىشالايدۇ ، ھەر بىر خېرىدار پەقەت بىر قىتىم مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ . ئوخشاش بىر يانفۇن ، ئوخشاش بىر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ، ئوخشاش بىر IP ئادرىسى ، ئوخشاش بىر باراي تورىنىڭ ھېسابات نومۇرى ، ئوخشاش بىر كىملىك ، ئوخشاش بىر بانكا كارتا نومۇرى ، ئوخشاش بىر مال تاپشۇرۋالغۇچى ، ئوخشاش بىر تېرمىنال ئۈسكۈنىسى نومۇرى ، باشقا مۇۋاپىق ئوخشاش بىر خېرىدارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئەھۋاللار ئوخشاش بىر خېرىدار دەپ قارىىلدۇ .
8.3.2 پائالىيەت مەزگىلىدە ، ئەگەر بىر خېرىدارنىڭ ناتوغرا ۋاستىلەر ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشسا ، ھەمدە باشقا خېرىدارلارنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئادىل قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا ياكى پائالىيەت مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلسا ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شۇ خېرىدارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋاقتىدا ئېرىشكەن ھەدىيە ياكى ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق . ئەگەر بۇ خىل ساختىلىق قىلمىشى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقۇزغان بولسا ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تۆلەم سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بار .
8.3.3 خېرىدارلار يامان غەرەزدە تىزىمغا ئالدۇرۇش ، تەكرار سودىلىشىشنى قايتۇرۋېلىش ، باراي تورىنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، باراي تورى مۇلازىمەتنى توختاتسا ، ھېسابات نومۇرنى توختاتسا ھەمدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ .
9 . ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى :
9.1 باراي تورى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ، تور بىكەت لاھىيەسى ، يېزىق ۋە دىئاگرامما ، يۇمشاق دېتال ، سۈرەت ، فوتو سۈرەت ، سۈرەت ئالماق ، ئاۋاز ۋە ئۇنىڭ يۇقۇردا بايان قىلغان بىرىكمىلىرى ، يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىش ، ئالاقىدار كود قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى باراي تورىغا تەۋە . خېرىدارلار سودا قىلىش مەقسىتىدە يۇقۇردا ئېيتىلغان ھەر قانداق بىر ماتىرىيال ياكى مەزمۇننى كۆپەيتىشكە ، ئۆزگەرتىشكە ، يوللاشقا ياكى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ .
9.2 باراي تورىنىڭ نامى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سودا ئىناۋىتى ۋە تاۋار ماركىسى ھوقۇقى باراي تورىغا تەۋە .
9.3 خېرىدارلار باراي تورى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ، باراي تورىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ . خېرىدارلار باراي تورى ئېلان قىلىپ بولغان ئۇچۇرلارنى ھەر قانداق شەكىلدە ئېلان قىلىشقا ياكى باشقا تور بىكەتلىرىدە ئىشلىتىشىكە بولمايدۇ .
10. خېرىدار مۇلازىمىتى
باراي تورى كەسپىي مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ ، ھەمدە مۇكەممەللەشكەن خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش تۇزۈمىنى ئورنىتىپ ، تېخنىكا ، خادىم ۋە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈپ ، خېرىدارلارنىڭ سوئال سوراش ۋە ئەرىز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ . خېرىدارلارنى ۋاقتىدا چېگىش مەسىللەرگە جاۋاب بېرىش ۋە ئەرىز ، ئىنكاس قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
11. كېلىشىمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاخىرلىشىشى
11.1 كېلىشىمنىڭ ئۆزگىرىشى :
باراي تورى بۇ كېلىشىم مەزمۇنىنى ياكى باراي تورى ئېلان قىلغان باشقا مۇلازىمەت ماددىلىرى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بولغان مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق . باراي تورى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە ئېلان چىقىرىشى كېرەك . ئەگەر خېرىدارلار داۋاملىق باراي تورى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسە ، خېرىدارلارنى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى مەزمۇنلارغا قوشۇلدى دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئەگەر خېرىدارلار ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا ، باراي تورى ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۋېتىش ھەمدە باراي تورى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش ھوقۇقى بار .
11.2 كېلىشىمنىڭ ئاخىرلىشىشى :
11.2.1 باراي تورى بۇ كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بويىچە خېرىدارلارنىڭ باراي تورىدىكى ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۋېتىشكە ھوقۇقلۇق . بۇ كېلىشىم ھېسابات نومۇرى ئۆچۈرۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ .
11.2.2 باراي تورى بارلىق باراي تورى مۇلازىمەتلىرىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق . بۇكېلىشىم باراي تورى بارىلىق مۇلازىمەتلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ .
11.2.3 بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، خېرىدارلار باراي تورىدىن داۋاملىق ھەر قانداق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ . بۇ مۇلازىمەتلەر باراي تورىنىڭ خېرىدارلار ئۈچۈن ساقلاپ بەرگەن ياكى ئەسلىدىكى باراي تورى ھېسابات نومۇرى ئىچىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لىكىن چەكلەنمەيدۇ .
11.2.4 مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئاخىرلىشىشى توختامغا ئەمەل قىلغان تەرەپكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدۇ .
12 . ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى :
12.1 باراي تورى ياكى خېرىدارلار بۇ كېلىشىمدا پۈتۈشكەن توختامغا خىلاپلىق قىلسا بۇ توختامغا خىلاپلىق قىلىش شەكىللىنىدۇ . توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .
12.2 ئەگەر خېرىدارلار بۇ كېلىشىمدىكى پۈتۈشكەن مەزمۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ ، ئېلىپ سېتىش سودا مەقسىتىدە سودىلاشقان بولسا ، باراي تورى سودىگەرلەرگە ۋاكالەتەن بۇ سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق . ھەمدە باراي تورى ھېسابات نومۇرىنى ۋە باراي تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق . ئەگەر باراي تورى مۇشۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچىرىسا باراي تورى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
12.3 ئەگەر خېرىدارلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ھەقىقىي بولمىغان ، تولۇق بولمىغان ياكى توغرا بولمىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن باراي تورى ياكى سودىگەرلەرگە زىيان ئېلىپ كەلسە ، باراي تورى خېرىدارلاردىن باراي تورىغا ياكى سودىگەرلەرگە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
12.4 ئەگەر خېرىدارلار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە بۇ كېلىشىمدە پۈتۈشكەن مەزمۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ ، باراي تورىدا ياكى باراي تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولسا ، باراي تورى باراي تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىش ، ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۋېتىشكە ھەمدە شۇ خېرىداردىن باراي تورىغا ئېلىپ كەلگەن زىياننى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
12.5 خېرىدارلار تېخنىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق باراي تورىنىڭ نورمال يۇرگۈزۈلىشىگە دەخلى - تەرۇز قىلسا ياكى باشقا خېرىدارلارنىڭ باراي تورىنى ئىشلىتىشىگە دەخلى - تەرۇز قىلسا باراي تورى باراي تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىش ، ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۋېتىشكە ھەمدە شۇ خېرىداردىن باراي تورىغا ئېلىپ كەلگەن زىياننى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
12.6 خېرىدارلار يالغان پاكىت ئۇيدۇرۇش ئارقىلىق باراي تورى ياكى سودىگەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى ناھەق زىيانغا ئۇچراتسا ، باراي تورى خېرىدارلاردىن ، باراي تورىدىن ياكى سودىگەرلەردىن ئاشكارە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلەشقا ھوقۇقلۇق . ھەمدە باراي تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ ، باراي تورى ياكى سودىگەرلەرنىڭ ئۇچرىغان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
13. تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش :
خېرىدار بىلەن باراي تورى بۇ كېلىشىمنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا ، تالاش – تارتىش يۈز بەرسە ، چوقۇم دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ، ئەگەر كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا ، ھەر قانداق بىر تەرەپ تالاش – تارتىشنى ئۈرۈمچى كېسىم كومىتىتىغا تاپشۇرۇپ كېسىم قائىدىسى بويىچە كېسىم ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
14. كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى :
بۇ كېلىشىم خېرىدارلار باراي تورىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش بىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا قوشۇلۇپ ھەمدە تىزىملاشنى تاماملاپ ، باراي تورىنىڭ ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە . باراي تورى ۋە خېرىدارلار ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە . مەزكۇر كېلىشىم «2017-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى> ئېلان قىلىندى .
قوشۇلۇش
پارول بىلەن كىرىش
ئۇچۇر بىلەن كىرىش
تەستىق كودى
ئۇچۇر بىلەن كىرىش
پارول بىلەن كىرىش
ئۇچۇر بىلەن كىرىش