شىركەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
بىز ئىنتېرنېتنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر توپ ياشلار،
بىز تەۋەككۈلچىلەر،
بىز كەسىپكە تەلۋە، ھاياتقا قىزغىن ياشلار،
بىز «تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر،
بىز ئىنتېرنېت تورىنىڭ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەر،
بىز ئىلغار ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا، ئىلمىي تەرەققىياتقا ئەگەشكۈچىلەر،
بىز گۇمانلانغۇچىلار، بىز تەنقىدىي پىكىر بېرەلەيدىغانلار،
بىز دۇنيا قانداق بولۇشى كېرەك دەپ سوئال قۇيغۇچىلار،
بىز ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنىڭ يىغىندىسى،
بىز بىز كىم؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەۋاتقانلار،
شۇنىڭدەك بىز تاۋارىملىقلار،
بىز بارلىق تاۋارىم شېركىتىدىكىلەرنىڭ خاراكتېرى،
ئارزۇ-ئارمىنى، قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى ،
ئومۇمەن بىز تارىخقا ئىز قالدۇرغۇچىلار .
تاۋارىم كەلگۈسى
تاۋارىم شىركىتى تور سودىسى، كەسپىي تور مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق توپلىغان قىممەتلىك تەجىرىبلىرى بىلەن تېخنىكا ۋە تىجارەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتېرنېت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلەيدىغان خەلقئارالىق ئىنتېرنېت كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. تاۋارىم شىركىتى كەلگۈسىدە، شىركەت باش نىشانىنى تۇرمۇشنى ئاددىيلاشتۇرۇش تىن تۇرمۇشنى راھەتلەشتۈرۈشكە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.